ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن 16 مىڭ 200 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس تۆت كۈن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-24 14:42

مىسىر ئاخبارات باش مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مىسىر غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت يەتتىدە (بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 13تە) كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەندە خاماسنىڭ شۇ كۈنى تۇتۇپ قېلىنغان 13 كىشىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خاماسقا قاراشلىق قوراللىق گۇرۇھ قاسسام لۈسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇرۇش توختىتىش جەمئىي تۆت كۈن داۋاملىشىدىكەن، خاماس، قاسسام لۈسى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە بارلىق ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىدىكەن. تۇتۇپ قېلىنغان بىر ئىسرائىلىيەلىك تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ پەلەستىنلىككە ئالماشتۇرۇلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلار بار ئىكەن. تۆت كۈندە 50 ئىسرائىلىيەلىك قويۇپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى قاچىلانغان 200 يۈك ئاپتوموبىلى ھەمدە يېقىلغۇ ۋە تەبىئىي گاز قاچىلانغان تۆت يۈك ئاپتوموبىلى غەززە رايونىغا كىرىدىكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت 11-ئاينىڭ 23-كۈنى خاماس بىلەن بولغان ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاياغلاشسا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ يەنە ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى جەبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا 27 ئادەم قازا قىلغان، ئاز دېگەندىمۇ 93 ئادەم يارىلانغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى كەچتە يەنە غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بۇرەيقەھ مۇساپىرلار لاگېرى بىلەن نۇسايرايت مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر قانچە كورپۇس ئۆينى ۋە بىر پۇقراۋى ئاپتوموبىلنى بومباردىمان قىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ 14 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئۆيگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ھازىرغىچە بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەدىن 16 مىڭ 200 ئادەم قازا قىلدى. غەززە رايونىدا قازا قىلغانلار 14 مىڭ 854 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 6150 بالا ۋە 4000دىن ئارتۇق ئايال بار. يارىلانغانلارنىڭ سانى 36 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە %75 تىن كۆپرەكى بالىلار ۋە ئاياللار. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 225 ئادەم قازا قىلدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن 16 مىڭ 200 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس تۆت كۈن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى

خاماسقا قاراشلىق قوراللىق گۇرۇھ قاسسام لۈسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇرۇش توختىتىش جەمئىي تۆت كۈن داۋاملىشىدىكەن، خاماس، قاسسام لۈسى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە بارلىق ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىدىكەن.