ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا كېنتاكى ئىشتاتىدا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئېقىپ كەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-24 15:06

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 23-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 22-نويابىر سائەت 14دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە ئامېرىكىنىڭ كېنتاكى ئىشتاتىدا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئېقىپ كەتكەن. ئارقىدىنلا كېنتاكى ئىشتاتىنىڭ باشلىقى، روكك كاسسىر ناھىيەسىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا CSX تىرانسپورت شىركىتى 22-نويابىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ جەمئىي 16 ۋاگونغا چېتىلىدىغانلىقىنى، تۆت ۋاگونغا خىمىيەلىك بۇيۇم قاچىلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە سۇيۇقلاندۇرغان گۈڭگۈرت قاچىلانغان ئىككى ۋاگونغا ئوت كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. 23-نويابىر چۈشتىن بۇرۇنغىچە ئوت ئۆچۈرۈپ بولالمىغانلىقتىن، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ چېكىنىشى تەلەپ قىلىندى.

تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا كېنتاكى ئىشتاتىدا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئېقىپ كەتتى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 23-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 22-نويابىر سائەت 14دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە ئامېرىكىنىڭ كېنتاكى ئىشتاتىدا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،