ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قاتار خاماس بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تۇتۇپ قىلىنغانلارنى 2-تۈركۈمدە ئالماشتۇرغانلىقىنى جەزمىلەشتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-28 10:00

11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتقانلىقىنىڭ 2-كۈنى، قاتارنىڭ دىپلوماتىيە مىنىسىترلىقى شۇ كۈنى خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى 2-تۈركۈمدىكى ئالماشتۇرۇشنى كېچىكتۈردى، دېدى. قاتار بىلەن مىسىرنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ئالاقىدار توسالغۇلار تۈگىتىلدى، ئىسرائىلىيە شۇ كۈنى كەچتە 39 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بەردى، تۇتۇپ قىلىنغان 13 ئىسرائىلىيەلىك بىلەن يەتتە چەتئەللىك غەززەدىن ئايرىلدى، قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەنسارى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە خاماسنىڭ 2-تۈركۈمدە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

شۇ كۈنى خاماس قارمىقىدىكى قۇراللىق گۇرۇھ كاسان لۈيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاماس ئىسرائىلىيە ئىنسانپەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ غەززەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانغا قەدەر 2-تۈركۈمدىكى تۇتۇپ قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى. ئارقىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپلىگەن تاراتقۇلىرى شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەتىگەندىن بۇرۇن خاماس تۇتۇپ قىلىنغانلارنى قويۇپ بەرمىسە، ئىسرائىلىيە ھەربىي ھەرىكەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، دېدى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جىنىندا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىككى ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، يەتتە ئادەمننىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قاتار ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىسرائىلىيەگە بېرىپ، ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئىشىنى كېڭەشكەن، مىسىر ئاخبارات باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى راشۋان 11-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىسىر ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى ئىجابىي سىگنالىنى تاپشۇرىۋالدى. ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ يادەم ئەشيالىرى رافا چېگرا ئېغىزىدىن غەززەگە كىردى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قاتار خاماس بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تۇتۇپ قىلىنغانلارنى 2-تۈركۈمدە ئالماشتۇرغانلىقىنى جەزمىلەشتۈردى

11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتقانلىقىنىڭ 2-كۈنى، قاتارنىڭ دىپلوماتىيە مىنىسىترلىقى شۇ كۈنى خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى 2-تۈركۈمدىكى ئالماشتۇرۇشنى كېچىكتۈردى، دېدى.