ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى 5-نۆۋەت ئالماشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-29 16:45

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خاماس شۇ كۈنى كەچتە 5-تۈركۈمدە قويۇپ بەرگەن تۇتۇپ قىلىنغانلار ئىسرائىلىيە تەۋەسىگە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇتۇپ قېلىنغان 10 ئىسرائىلىيەلىك بىلەن ئىككى چەتئەللىك بار.
شۇ جايدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە 11-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە تۇتۇپ قېلىنغان پەلەستىنلىك 30 كىشىنى5-تۈركۈمدە قويۇپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 15 ئايال ۋە 15 قۇرامىغا يەتمىگەن كىشى بار ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، شۇ كۈنى 100 قۇتقۇزۇش ئەشيا ئاپتوموبىلى غەززەنىڭ شىمالىغا كىردى ھەمدە بىر قىسىم دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش زاۋۇتلىرىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىدى، دېدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى 5-نۆۋەت ئالماشتۇردى

خاماس شۇ كۈنى كەچتە 5-تۈركۈمدە قويۇپ بەرگەن تۇتۇپ قىلىنغانلار ئىسرائىلىيە تەۋەسىگە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇتۇپ قېلىنغان 10 ئىسرائىلىيەلىك بىلەن ئىككى چەتئەللىك بار. شۇ جايدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە 11-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە تۇتۇپ قېلىنغان پەلەستىنلىك 30 كىشىنى5-تۈركۈمدە قويۇپ بەرگەن،