ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى 7-قېتىم ئالماشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-01 11:07

پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) بىلەن ئىسرائىلىيە شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى غەززە رايونىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە بىر كۈن ئۇزارتتى، ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى تۇتۇپ قىلىنغانلارنى 7-قېتىم ئالماشتۇردى. خاماس 10 ئىسرائىلىيەلىكنى قويۇپ بەردى، ئىسرائىلىيە 30 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بەردى. يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆپ تەرەپلەر خاماس بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋېتىپتۇ.

شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 3 ئادەم قازا قىلدى، 6 ئادەم يارىلاندى. قوراللىق ئىككى كىشى ئېرۇسالېمنىڭ ۋېتسمان كوچىسىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ، بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقانلارغا ئوق چىقاردى. نەق مەيداندىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە پۇقرالار قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىدى. خاماس ئارقىدىنلا بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كوئېن 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى سانچېس شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا رىئايە قىلغان قىلمىغانلىقىدىن «قاتتىق گۇمانلىنىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى 7-قېتىم ئالماشتۇردى

پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) بىلەن ئىسرائىلىيە شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى غەززە رايونىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە بىر كۈن