ترامپقا ئېغىر ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن 350 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرى مانخاتتوندىكى بىر سوت مەھكىمىسى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ مالىيە ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق ھەق تەلەپ دېلوسىغا ھۆكۈم چىقاردى. تىرامپنىڭ جىنايىتى بېكىتىلىپ، 355 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلدى ۋە باشقا جازالار بېرىلدى.
تەپتىش مەھكىمىسى تىرامپ ۋە باشقا جاۋابكارلارنى 2011-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە مالىيەدە ساختىلىق قىلغان، ئالاقىدار مالىيە سانلىق مەلۇماتلىرىدا پەرق زور دەپ ئەيىبلىدى.
ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ترامپ نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل