ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى زىچ بومباردىمان قىلىپ ئاز دېگەندىمۇ 40 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-02-18 12:15

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

پەلەستىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن رايونلارنى ئارقا-ئارقىدىن بومباردىمان قىلغان، ھازىرغىچە ئاز دېگەندىمۇ 40 ئادەم قازا قىلغان، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان، يەنە نۇرغۇن ئادەم خارابىلىك ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 7 -كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 28 مىڭ 800 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 68 مىڭ ئادەم يارىلاندى.

2-ئاينىڭ 13-كۈنى، مىسىر، قاتار، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ۋەكىللىرى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم سۆھبەتنى باشلىدى. قاتارنىڭ باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەد 2-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى مەسىلىسىدە يەنىلا ئىختىلاپى بار، بۇ سۆھبەت نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى. غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر رافانىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كېڭىشىشىگە كۆپ ۋاقىت قالمىدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى زىچ بومباردىمان قىلىپ ئاز دېگەندىمۇ 40 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى زىچ بومباردىمان قىلىپ ئاز دېگەندىمۇ 40 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى