ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىككى پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە نىشانغا دەل تەگكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-02-20 15:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ باياناتچىسى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىككى پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ھەمدە نىشانغا دەل تەگكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىككى پاراخوتى «دېڭىز چېمپىيونى» ۋە «ناۋىس فورتۇنا» ناملىق پاراخوتلار ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەنگلىيەنىڭ «قىزىل ياقۇت» ناملىق يۈك پاراخوتى پۈتۈنلەي چۆكۈپ كەتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەمۇ قۇسەي قوراللىقلىرى كونتروللۇقىدىكى جايلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان، قىزىل دېڭىزنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى يەنىمۇ كەسكىنلەشكەن.

تەرجىمان: ئىلدوس
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار


中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىككى پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە نىشانغا دەل تەگكۈزدى

يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ باياناتچىسى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىككى پاراخوتىغا