تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى تاكسىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئىلگىرى ئارزۇسى «تايلاندقا قايتىش»ئىدى
جازا ئۆتەۋاتقان تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى تاكسىن شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلدى.
ئۇ ئىلگىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان تايلاندلىق باي بولۇپ، ئىككى قېتىم زۇڭلى بولغان؛ ئۇ ئىلگىرى چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغان.
تاكسىننىڭ قىزى تايلاند ئۈچۈن پارتىيەسىنىڭ باشلىقى بېيدوڭدەن دادىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا: ھازىر دادامنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى بولدى، دەپ يازدى.
تاكسىن شىناۋا 1949-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى تايلاندنىڭ چىڭمەي شەھىرىدە تۇغۇلغان. تاكسىن 24 يېشىدا باڭكوك ساقچى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، شۇ يىلى ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
دەسلەپكى يىللاردا تاكسىن سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن.
تاكسىن شىناۋا 1982-يىلى كومپيۇتېر مۇلازىمىتى ۋە مەبلەغ سېلىش شىركىتىنى قۇرغان. تۆت يىلدىن كېيىن، تايلاند ھۆكۈمىتى تېلېگراف كەسپىنى خۇسۇسىيلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئېچىۋەتكەن، شىناۋا تۇنجى تۈركۈمدە تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان خۇسۇسىي تېلېگراف شىركىتى بولۇپ قالغان.
تاكسىن ئىشلىرىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بىر مەھەل تايلاندتىكى ئەڭ بايلار قاتارىغا كىرگەن. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، شىناۋا كومپيۇتېر مۇلازىمىتى ۋە مەبلەغ سېلىش شىركىتى پېيىنى بازارغا سېلىپ، تايلاندنىڭ ئەينى چاغدىكى تېلېۋىزىيە سۈنئىي ھەمراھ ئانتېننىسى ۋە كۆچمە تېلېفون كەسپىنى ئاساسىي جەھەتتىن مونوپول قىلىۋالغان.
تاكسىن سودا جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويۇپ، تايلاندنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن زۇڭلىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
1998-يىلى تاكسىن تايلاندلىقلار تايلاندنى سۆيۈش پارتىيەسىنى قۇرغان ھەمدە رەئىس بولغان. ئۈچ يىلدىن كېيىن، بۇ پارتىيە تايلاند تۆۋەن پالاتاسىدا كونا پارتىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پارلامېنتتىكى چوڭ پارتىيەگە ئايلانغان.
تاكسىن 2001-يىلى يەنە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن تايلاند زۇڭلىلىقىغا سايلىنىپ، تايلاندنىڭ خەلق سايلىغان ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىپ پۈتكۈل ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى تاماملىغان تۇنجى زۇڭلىسى بولۇپ قالغان ھەمدە 2005-يىلى يەنە ئوڭۇشلۇق ھالدا زۇڭلىلىققا سايلانغان.
تاكسىننىڭ سىياسىتى خەلق ئاممىسىنىڭ زور قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. تاكسىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە تايلاندنى باشلاپ ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن قۇتۇلغان. ئۇ يەنە زەھەر چەكلەش، قارا جەمئىيەت كۈچلىرى قاتارلىق جەمئىيەتتىكى رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشتە قاتتىق قول بولغان ھەمدە تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى قوراللىقلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قاتتىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللانغان.
2006-يىلى 9-ئايدا تايلاند ھەربىي دائىرىلىرى تۇيۇقسىز سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، تاكسىن تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولۇپ، 10 نەچچە يىل چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن تاكسىن تايلاندنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە ئۇزۇن مەزگىل قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا زور تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن.
تاكسىن ھەربىي دائىرىلىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، 2008-يىلى قىسقا ۋاقىت ۋەتەنگە قايتقاندىن باشقا، ئىزچىل چەتئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. ئۇ لاتارىيە بېلىتى كۆز بويامچىلىق قىلىش دېلوسى ۋە بانكىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئېلىش قاتارلىق دېلولاردا خىيانەتچىلىك قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن.
تاكسىن 2008-يىلى تايلاندتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئىككى ئىلىك خەت يېزىپ، «ئەگەر تەلىيىم بولسا، قايتىپ كېلىمەن ھەم تايلاند تۇپرىقىدا جان ئۈزىمەن» دېگەن.
تاكسىن 2023-يىلى 8-ئايدا سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەخسىي ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ باڭكوك ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ يەرگە چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تايلاند ساقچىلىرى تاكسىننى تايلاند ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتۇرغان.
تايلاند ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىگە ئاساسەن، تاكسىننىڭ كۆپ تۈرلۈك جىنايىتى بېكىتىلىپ 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، تاكسىننىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاكسىننىڭ يۇقىرى قان بېسىمى بار بولۇپ، تۈرمىگە كىرگەندە دېمى سىقىلىپ بىئارام بولغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرمىگە كىرگەن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، تاكسىن ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان.
تاكسىن جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، تايلاند پادىشاھى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلىپ، جازا مۇددىتىنى بىر يىلغا قىسقارتقان. 2024-يىلى 2-ئايدا، تايلاندنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋى تاراتقۇلارغا: تاكسىن 70 ياشتىن ئاشتى، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى ھەمدە جازا مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتكەچكە، مۇشۇ ئايدا شەرتلىك قويۇپ بېرىلىدۇ دېگەن.
بۈگۈنكى كۈندە، يېشى 70 تىن ئاشقان تاكسىن قويۇپ بېرىلدى، لېكىن ئۇنىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر تېخى بېسىقمىدى.
بەلكىم تاكسىننىڭ يېقىنقى ئون يىل ئىلگىرى ئېلان قىلغان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 112-ماددىسىغا خىلاپ گەپ-سۆزلىرى قانۇن ئاۋارىچىلىكىگە پېتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. گەرچە تاكسىن ئالاقىدار ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلغان ھەمدە باش تەپتىشكە خەت يېزىپ ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ بۇ دېلونى سوتقا تاپشۇرىدىغان-تاپشۇرمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.
تاكسىننىڭ قىزى بېيدوڭدەن ئىلگىرى دادىسىنىڭ «ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشى»نى ئۈمىد قىلاتتى، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلىشى تاكسىننىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى تىنچ-مۇقىم ئۆتكۈزۈشىگە مۇھىم بىر قەدەم تاشلىيالامدۇ-يوق، بۇنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت