ئامېرىكا ب د ت غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىش قارار لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
پەلەستىن ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان ۋە يەر يۈزىنى توپقا تۇتقان، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 51 ئادەم قازا قىلغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قاتتىق بومباردىمان قىلىشى ۋە داۋالاش بايلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ تەسىرىدە غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىلار قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالجىرىيە ئوتتۇرىغا قويغان غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى يېڭى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغاندا، دائىمىي ئەزا دۆلەت ئامېرىكىنىڭ بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئالجىرىيە ئوتتۇرىغا قويغان قارار لايىھەسىدە ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزسىدىن دەرھال ئۇرۇش توختىتىش تەلەپ قىلغان. ئۇندىن باشقا قارار لايىھەسىدە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ خەلقئارا سوتتا ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تەكىتلەندى. نۇرغۇن دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىشى سەۋەبلىك غەززەگە ئالاقىدار قارارنىڭ ماقۇللانمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى.
تەرجىمان: ئېلدوس
سېلىشتۇرغۇچى:ئىمىجان