ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ياۋروپادىكى ئۇرۇش ئامېرىكا ئىقتىسادىغا قانداق پايدا ئېلىپ كەلدى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-02-23 18:32

ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» تور بېكىتىدە يېقىندا «ياۋروپادىكى ئۇرۇش ئامېرىكا ئىقتىسادىغا قانداق پايدا ئېلىپ كەلدى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى سەۋەبىدىن كۆپ نەپكە ئېرىشكەنلىكىدەك پاكىت پاش قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا زاكاز تالونى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان %17.5 ئاشقان. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 95 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۈستلىمە دۆلەت مۇداپىئە خامچوت لايىھەسىدە، 60 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۇكرائىناغا ئىشلىتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە %64ى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە قايتۇرۇلىدىكەن. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇردى ھەمدە ئامېرىكىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولدى، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سانائەتتىن نەپ ئېلىشى پەقەت بۇنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى. رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىشىنىڭ توختاپ قىلىشى ياۋروپانىڭ ئامېرىكىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازىغا بولغان ئېھتىياجىنى قوزغىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2030-يىلىغىچە، ئامېرىكىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورت مىقدارى بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى بۇندىن ئىلگىرى: ئۇكرائىناغا چېتىلىدىغان ئىشلارغا تەقسىم قىلىنغان مەبلەغ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئاساسىنى قايتا قۇرۇپ، قورال-ياراق، ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قوزغاتماقتا ۋە كېڭەيتمەكتە ھەمدە 40 ئىشتاتتا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، دېگەن.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ياۋروپادىكى ئۇرۇش ئامېرىكا ئىقتىسادىغا قانداق پايدا ئېلىپ كەلدى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» تور بېكىتىدە يېقىندا «ياۋروپادىكى ئۇرۇش ئامېرىكا ئىقتىسادىغا قانداق پايدا ئېلىپ كەلدى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنىپ،