ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېتى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق پارىژغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى قارار قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-02-23 18:32

خاماسنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تۆت جايدا پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلدى، ھازىرغىچە 40 ئادەم قازا قىلدى، 100دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، قازا قىلغانلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكى ئاياللار ۋە بالىلار دېدى. ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا ۋاقتىنچە ئىنكاس قايتۇرمىدى. پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 29 مىڭ 400 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان، 69 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ رەھبىرى ئابدۇل مالىك قۇسەي 2-ئاينىڭ 22-كۈنى سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، قۇسەي قوراللىقلىرى ئىسرائىلىيەگە جەمئىي 183 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغىدى دېدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى پارىژغا ئەۋەتىپ، غەززە رايونىدىكى تۇتۇپ قېلىنغان خادىملارنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. ھازىر ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تېخى بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرمىدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلدى. يىغىندا ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ھەر قايسى ئەزالار «غەززەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىجازىتىنى دەرھال ئېچىۋېتىپ، ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» نى قوللايدۇ، ئارقىدىنلا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش لايىھەسى قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېتى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق پارىژغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى قارار قىلدى

خاماسنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تۆت جايدا پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلدى،