ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارغا مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-25 09:29

  24-مارت رۇسىيەنىڭ مەملىكەت بويىچە تەزىيە كۈنى. رۇسىيە ئاممىسى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، 22-مارت كەچتە موسكۋا شەھەر ئەتراپىدىكى كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتى 24-مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 137 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ بالا بار ئىكەن. خەۋەر تارقىتىلغانغا قەدەر، كونسېرت زالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغان 68 كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى. موسكۋا ئوبلاستلىق سەھىيە تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 182 ئادەم يارىلانغان. 

  بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇمى نەق مەيدانىدا ھۇجۇم قىلغۇچى ئىشلەتكەن 500دىن ئارتۇق ئوق، 28 ئوق قۇتىسى ۋە ئىككى كالاشىنكوف مىلتىقى قاتارلىق قورال-ياراغ، ئوق-دورا بايقالغان بولۇپ، ئادەم بومبا ياكى مىنا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىز بايقالمىغان. 

  رۇسىيە موسكۋا باسمان رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا بىۋاسىتە قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىنغان تۆت كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى. تۆت ئادەم 2-مايغىچە قامىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە دېلو ئەھۋالى چوڭقۇر تەكشۈرۈلىدۇ. 

  رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېدۋېدېۋ 24-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 22-مارتتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار كىشىلەر، مەيلى ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى رۇسىيەنىڭ قانۇنلۇق زەربە بېرىش نىشانى. 

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارغا مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈردى

24-مارت رۇسىيەنىڭ مەملىكەت بويىچە تەزىيە كۈنى. رۇسىيە ئاممىسى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، 22-مارت كەچتە موسكۋا شەھەر ئەتراپىدىكى كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.