ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

غەززە ئاھالىسى: بىز يۇرتىمىزدىن ئايرىلمايمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-27 15:03

  بۇلتۇر 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ھۇجۇم قوزغىدى، نۆۋەتتە بىر مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىن پۇقراسى غەززە رايونىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى شەھەر رافادا پاناھلانماقتا.

  ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى رافانى «بىخەتەر رايون» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر مەزگىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى بۇ يەردە پاناھلىنىۋاتقان كىشىلەرگە ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى.

  بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن ئارۇجى ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىنكى خارابىلىكتە تۇرۇپ، رافا ئاتالمىش «بىخەتەر رايون» ئەمەس، دېدى. 

  ئارۇجى: كىم رافانى بىخەتەر دەيدۇ؟ بېشىم يارىلىنىپ تىكتى، شۇنداق ئىكەن بۇ يەر راستتىنلا بىخەتەرمۇ؟ جىيەنىمنىڭ پۇتىنى كېسىۋەتتى، بۇ يەر يەنە راستتىنلا بىخەتەرمۇ؟ بۇ يەر بىخەتەر ئەمەس.


  ئارۇجى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بالىلار، ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بىمارلارنى ئۆلتۈردى، توقۇنۇش تاش، دەرەخ ۋە يەرلەرنى ۋەيران قىلدى، ھېچنېمە قالمىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى بىزنى قېچىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئىدى، لېكىن بىز قېچىپ كەتمەيمىز، بىز بۇ يەردىكى چېدىردا تۇرۇشقا تەييارلاندۇق، بىز يۇرتىمىزدىن ئايرىلمايمىز.

تەرجىمان: مىھرىگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

غەززە ئاھالىسى: بىز يۇرتىمىزدىن ئايرىلمايمىز

بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن ئارۇجى ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىنكى خارابىلىكتە تۇرۇپ، رافا ئاتالمىش «بىخەتەر رايون» ئەمەس، دېدى.