ئامېرىكىدىكى كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 6 ئادەم يوقاپ كەتتى
شۇ يەر ۋاقتى 26-مارت، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مارىلاند ئىشتاتىدىكى چوڭ كۆۋرۈك پاراخوت سوقۇپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ھازىرغىچە ئالتە ئادەم يوقاپ كەتكەن، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مارىلاند ئىشتاتى بالتىمور شەھىرىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فىلىسىيە پورتېر شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يوقاپ كەتكەن ئالتە ئادەمنىڭ بىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى، قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ دەريادىن بىر جەسەتنى سۈزۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئالاقىدار تارماقلار بۇ خەۋەرنى ئىسپاتلىمىغان. بۇ پارلامېنت ئەزاسى شۇنىڭدىن كېيىن سۆزىدە خاتالىق بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەرجىمان: مىھرىگۈل