ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قايتۇرۇپ كەتتى
ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىنىيى 26-مارت ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا زىيارەتكە بارغان پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەھبىرى ھانىيە بىلەن كۆرۈشتى. ھامىنىيى: ئىران پەلەستىن ئىشلىرى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان پەلەستىن خەلقىنى داۋاملىق قوللايدۇ، دېدى.
ئەرەب سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 26-مارت كەچتە ئىسرائىلىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى قايتۇرۇپ كەتتى، دېدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىرلەشمە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابى 26-مارت كەچتە: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن مىسىر ھاۋا ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا 15-قېتىملىق ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن ھاۋادىن ئەشيا تاشلاشنى تاماملىدى، دېدى.
غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 26-مارت بايانات ئېلان قىلىپ: ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا سەككىز تۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، جەمئىي 81 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 93 ئادەمنى يارىلاندۇردى، دېدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا غەززەدە 32 مىڭ 400 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا