سۇداندا 18 مىليون ئادەم ئاچارچىلىققا ئۇچرىدى
سۇداندا 18 مىليون ئادەم ئاچارچىلىققا ئۇچرىدى، جۇڭگو سۇداندا تېزدىن ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
20-مارت جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى دەي بىڭ سۇداندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2724-نومۇرلۇق قارارىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېزدىن ئۇرۇش توختىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىدىن ئەڭ زور چەكتە ساقلىنىپ، توقۇنۇشنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يەنىمۇ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. دەي بىڭ مۇنداق دېدى: سۇداندا توقۇنۇش داۋاملىشىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يامانلاشتى، 18 مىليون ئادەم ئاچارچىلىققا ئۇچرىدى. جۇڭگو سۇداندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تېز، بىخەتەر، توسالغۇسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ئىجازىتىگە داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. سۇداندا توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو ئىككى تەرەپلىك يوللار ئارقىلىق سۇدانغا تۈركۈملەپ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئاشلىق ياردىمى بېرىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى پەسەيتىشكە تۆھپە قوشتى.