شىفا دوختۇرخانىسىدىكى ھۇجۇمدا 13 بىمار قازا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:米克丽古丽| يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 15:08
خاماس تاراتقۇ ئىشخانىسى شۇ يەر ۋاقتى 21-مارت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شىفا دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 13 بىمار قازا قىلدى. دوختۇرخانىدا جىددىي داۋالاشقا تېگىشلىك 22 ئېغىر بىمار بار ئىدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى ئۇلارنىڭ دورا، يېمەكلىك، ئوكسىگېنغا ئېرىشىشى ۋە ئۇلارنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.