پۇتىن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:米克丽古丽| يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 15:09
رۇسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى پامفېلوۋا 21-مارت رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ھازىرقى زۇڭتۇڭ پۇتىن %87.28 ئاۋاز نىسبىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۇدا ئۆتەيدىغان بولدى.
پۇتىن شۇ كۈنى كىرېمىل سارىيى تور بېكىتىدە ۋىدېيولۇق نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: سايلام نەتىجىسى خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر رۇسىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە مۇستەقىل قىلىدۇ.