رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىر قېتىملىق ھۇجۇم سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار| يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-12 09:40
رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: موسكۋا شەھىرىدىكى خەلق ئاممىسى توپلاشقان چېركاۋغا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلدۇق ھەم جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتۇق. بۇ جىنايەت گۇماندارى موسكۋادىكى بىر چېركاۋغا بېرىپ كۆزەتكەن ھەمدە بومبا ياساش زاپچاسلىرىنى سېتىۋالغان.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى