ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ھەر قانداق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-12 09:40

  ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى 11-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاركوۋ ئوبلاستى، زاپاروژى ئوبلاستى، لىۋوۋ ئوبلاستى ۋە كىيېۋ ئوبلاستىدىكى توك تارقىتىش ئەسلىھەلىرى ۋە توك يەتكۈزۈش ئەسلىھەلىرى ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئۇكرائىنادىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي ئېنېرگىيە كارخانىسى دونباس يېقىلغۇ ۋە ئېنېرگىيە شىركىتىمۇ شۇ كۈنى بۇ شىركەت قارمىقىدىكى ئىككى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ھاۋا قىلىنغان ھۇجۇمدا زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن زىيانغا ئۇچرىغانلىق كونكرېت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا سۇمېي ئىشتاتىدىكى ھەربىي ئىشلار مەمۇرىي تارمىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى شۇ كۈنى سائەت 16 ئەتراپىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سۇمېي رايونىدىكى بىر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئۆلۈم-يېتىم بولمىغان. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئاپرېل ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، شۇ كۈنى سەھەردە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يىراق مۇساپىلىك ھاۋادىن ۋە دېڭىزدىن قويۇپ بېرىلىدىغان قوراللار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە توپلاشما زەربە بەردى، زەربە دەل نىشانغا تەگدى.

  خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى 11-ئاپرېل ئاۋسترىيەنىڭ ۋيېنا شەھىرىدە ئالاھىدە كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، يېقىندا يۈز بەرگەن زاپاروژى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى مۇزاكىرە قىلدى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى گروشى يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى زاپاروژى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىش يادرو بىخەتەرلىكى ۋە يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش خەتىرىنىڭ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ يادرو ۋەقەسىنىڭ خەتىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى. گروشى ھەر قايسى تەرەپلەرنى پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، زاپاروژى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ياكى باشقا ھەر قانداق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھۇجۇمغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

  تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ھەر قانداق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلدى

ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى 11-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاركوۋ ئوبلاستى، زاپولوژې ئوبلاستى، لىۋوۋ ئوبلاستى ۋە كىيېۋ ئوبلاستىدىكى توك تارقىتىش ئەسلىھەلىرى ۋە توك يەتكۈزۈش ئەسلىھەلىرى ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.