مېكسىكا ئېكۋاتورنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق دەپ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى
مېكسىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى 11-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېكسىكا ئېكۋاتورنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق دەپ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە رەسمىي ئەرز سۇنۇپ، ئېكۋاتورنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانغا قەدەر توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. مېكسىكا ھۆكۈمىتى 5-ئاپرېل ئېكۋاتورنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى گىلاسنى سىياسىي پاناھلىق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئېكۋاتور ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە ئالاھىدە ساقچى قىسىمىنى مېكسىكا ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىپ، گلاسنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتتى. مېكسىكا شۇنىڭدىن كېيىن ئېكۋاتور بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى