ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا يەنە ئاز دېگەندە 29 ئادەم قازا قىلدى
پەلەستىن ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى سەھەردە غەززە رايونىدىكى بىر تۇرالغۇغا قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئاز دېگەندە 29 ئادەم قازا قىلغان، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 12-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن بىر كۈندە غەززە رايونىدىكى ئاز دېگەندە 60 نىشانغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا ۋاقتى 18-ئاپرېل پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزاسى بولۇش ئىلتىماسىنى ئاۋازغا قويىدىكەن.
تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت