ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران: ئىسرائىلىيەدىكى نىشانلارغا زەربە بەردۇق، دېدى. يەمەن، ئىراق ئىسرائىلىيەگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-14 10:04

ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى شۇ يەر ۋاقتى 14-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى قىسمى ئىسرائىلىيەنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى، جۈملىدىن ئىراننىڭ سۇرىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇل باشقارمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، كۆپلىگەن ھەربىي خادىملارنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، نەچچە ئون ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بەزى نىشانلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ تەپسىلاتى ئىران قوراللىق كۈچلىرى باش ئىشتابىنىڭ نازارىتىدە بولدى ھەمدە ئىران ئالىي خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىران ئارمىيەسى بۇنىڭغا ماسلاشتى. بۇنىڭدىن باشقا ئىران ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا تۇنجى تۈركۈمدىكى تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى. ئىراننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە: ئىسرائىلىيەگە ھاۋا تەۋەلىكى ياكى زېمىنىنى ئېچىۋېتىپ، ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلەتكەن ھەر قانداق دۆلەتكە ئىران كەسكىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دېدى.

ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 14-ئاپرېل: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ تېل ئاۋىۋدىكى كىريات ھەربىي باش ئىشتابىدا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېت يىغىنى ئاچتى، دېدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 13-ئاپرېل كەچتە: مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئىسرائىلىيە ئايرودۇرۇم باشقۇرۇش ئىدارىسى 13-ئاپرېل كېچىدە: ئىراننىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 14-ئاپرېل سائەت 0:30 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا يەمەن 13-ئاپرېل ئىسرائىلىيەگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئىراقتىكى شىئە مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى «خەلق سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتى» قارمىقىدىكى تاراتقۇنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 100 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىراقتىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئىيوردانىيە ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈپ ئىسرائىلىيە يۆنىلىشىگە قاراپ ئۇچقان.

ئامېرىكا ئاق سارىيى 13-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ: ئىران ئىسرائىلىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاشقا باشلىدى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم نەچچە سائەت داۋاملىشىشى مۇمكىن، دېدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كوللېكتىپى ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى ۋە باشقا ھەمكارلىق ھەمراھلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقىنى ساقلايدۇ ھەمدە بايدىنغا ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى قەرەللىك ئۇقتۇرىدۇ. بايدىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىراننىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان 13-ئاپرېل كەچتە، ئىران ئامېرىكىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشقا ئارىلاشسا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى زەربىگە ئۇچرايدۇ، دېدى.
ھازىرغىچە ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ھاۋا تەۋەلىكىنى ۋاقتىنچە تاقىدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت


中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىران: ئىسرائىلىيەدىكى نىشانلارغا زەربە بەردۇق، دېدى. يەمەن، ئىراق ئىسرائىلىيەگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئىران: ئىسرائىلىيەدىكى نىشانلارغا زەربە بەردۇق، دېدى. يەمەن، ئىراق ئىسرائىلىيەگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى