ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچتى، گۇتتېرىس ئىككى تەرەپنىڭ دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-15 11:12

ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسى 14-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراننىڭ ھەربىي ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ «تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى» گە قايتۇرۇلغان ئىنكاس، ئىراننىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇلىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېت ئەزاسى گانىز ئىسرائىلىيەنىڭ «مۇۋاپىق ۋاقىتتا» ئىراندىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە 14-ئاپرېل بىر نەچچە سائەت مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېت خەۋپسىزلىك يىغىنىدا ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقارمىدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېيجىڭ ۋاقتى 15-ئاپرېل سەھەر سائەت 4 تە ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلدى، ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننىڭ دۈشمەنلىشىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.

ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىراننىڭ ب د ت خارتىيىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئەيىبلەشنى ئۈمىد قىلدى؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەترىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا دەرھال كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتى بىلەن قارارىنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن قائىدىسى ئوخشاش، بايانات خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى، بولۇپمۇ دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى قوشۇلغاندىن كېيىن ئاندىن چىقىرىلىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلات دەپ بېكىتىشمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشى كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئادەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى چوڭ تەلىپىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى تەس دەپ قارىلىدۇ.
ئىرانمۇ 13-ئاپرېل خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە باش كاتىپى گۇتېررېسقا خەت يېزىپ، ئىراننىڭ ھەرىكىتىنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى»نىڭ 51-ماددىسىدا ئەسكەرتىلگەن قوغدىنىش ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە خارتىيىنىڭ باش مەقسەت پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى غەززە توقۇنۇشىنىڭ سىرتقا يامراپ كېتىشىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى. جۇڭگو نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سوغۇققان بولۇپ، جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. رۇسىيە، فىرانسىيە، ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 14-ئاپرېل: ئامېرىكا ئىران بىلەن توقۇنۇشۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچتى، گۇتتېرىس ئىككى تەرەپنىڭ دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچتى، گۇتتېرىس ئىككى تەرەپنىڭ دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى