ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇداندا قوراللىق توقۇنۇش پارتلىغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە تېز ياردەم بېرىش قىسمى ئۇرۇش توختىتىپ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 09:24

  15-ئاپرېل سۇداندا قوراللىق توقۇنۇش پارتلىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى. ئىزچىل داۋاملاشقان ئۇرۇش ئوتى سۇدان ئىقتىسادىغا ئەجەللىك زەربە بەردى. ئېكسپورت توسالغۇغا ئۇچرىدى، سودا كاساتلاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتتى، كىشىلەر ئۇرۇش ئوتىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

  سۇدان خەلق ئاممىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇدانلىقلارنىڭ ھەممىسى توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ھېچكىم ئۇرۇشنىڭ زەربىسىدىن قېچىپ قۇتۇلامىدى. بەزى كىشىلەرگە ۋاقتىدا مائاش تارقىتىلمىدى، بەزى كىشىلەر مائاشنى ئالالمىدى، يەنە بەزىلەر تولۇقلىما ئالالمىدى، ئايلىق ئاساسىي مائاشنىلا ئالالىدى، بۇ مائاش پەقەت 10 كۈنلۈك تۇرمۇشىنى قامداشقىلا يېتىدۇ.

  سۇداننىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى ساۋانى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: سۇداندىكى قوراللىق توقۇنۇشنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئىشنى ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان جىددە باياناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن باشلاپ تۇتۇشى كېرەك، قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىگىلىۋالغان خەلق ئەسلىھەلىرىدىن چېكىنىپ چىقىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  سۇداننىڭ تېز ياردەم بېرىش قىسمىنىڭ رەھبىرى 15-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېز ياردەم بېرىش قىسمى ئۇرۇش توختىتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ھەمدە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشنى خالايدۇ. تېز ياردەم بېرىش قىسمىنىڭ نىشانى نۆۋەتتىكى كىرىزىسنى ئومۇميۈزلۈك سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىپ، سۇداندا بىر مۈلكىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، دۆلەتنى دېموكراتىك مۇساپىگە يېتەكلەپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس 15-ئاپرېل سۇداندا قوراللىق توقۇنۇش پارتلىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بىر مەيدان سۇدان خەلقىگە قارىتىلغان ئۇرۇشتا نەچچە ئون مىڭلىغان پۇقرا قازا قىلدى ۋە يارىلاندى، 18 مىليون ئادەم ئېغىر ئاچارچىلىققا دۇچ كەلدى، خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم ئەسلىھەلەر ئۈزۈل-كېسىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، بۇ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا قارىتىلغان بىر مەيدان ئۇرۇش بولۇپ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىل ئەترىتى، ئىنسانپەرۋەرلىك خادىملىرى ۋە ئامبارلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئاياللار ۋە قىزلار جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرىدى. باياناتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۆۋەتتىكى توقۇنۇشتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر يولى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسى، خەلقئارا جەمئىيەت سۇداندا ئۇرۇش توختىتىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق مۇساپىسىنى باشلاپ، سۇدان خەلقىنىڭ كەلگۈسى تىنچلىق، بىخەتەرلىككە بولغان ئارزۇسىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

  تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سۇداندا قوراللىق توقۇنۇش پارتلىغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە تېز ياردەم بېرىش قىسمى ئۇرۇش توختىتىپ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى

سۇدان خەلق ئاممىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇدانلىقلارنىڭ ھەممىسى توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ھېچكىم ئۇرۇشنىڭ زەربىسىدىن قېچىپ قۇتۇلامىدى.