ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: تۇنجى قېتىم ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان رايوندا ئەنگلىيەنىڭ L119 تىپلىق گاۋبىتسا زەمبىرىكى ۋەيران قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 10:52

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 15-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلدى: تۇنجى قېتىم ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان رايوندا ئەنگلىيەدە ياسالغان L119 تىپلىق گاۋبىتسا زەمبىرىكى ۋەيران قىلىندى.

  ئۇكرائىنا خاركوۋ ئوبلاستىنىڭ ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇلى 15-ئاپرېل خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يېتەكلىنىدىغان ئاۋىياتسىيە بومبىسى بىلەن بۇ ئوبلاستقا ھۇجۇم قىلغانلىقتىن ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گۈلدۈرمامىلىق ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئۇكرائىنانىڭ خېمېلنىتىسكى ئوبلاستى ۋە ژىتومىر ئوبلاستىدىكى 36 تۇرالغۇ نۇقتىسىدا توك توختاپ قالغان.

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 15-ئاپرېل ئۇكرائىنانىڭ ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەت بىلەن ئىككى تەرەپلىك خەۋپسىزلىك كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  نورۋېگىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى 15-ئاپرېل ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كىيېۋدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نورۋېگىيەنىڭ ئۇكرائىناغا 16-F بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا ھەربىي دائىرىلىرى ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىلىرىنىڭ 16-F بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان مەشىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有