غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن جايلار ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
پەلەستىن تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن جايلار 16-ئاپرېل ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە رافانىڭ ئەتراپىدىكى بىر تۇرالغۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تۆت ئادەم قازا قىلغان. ئىسرائىلىيەدىكى خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئەسلىدە مۇشۇ ھەپتە باشلىنىدىغان رافاغا قوزغايدىغان يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتىنى كېچىكتۈرگەن.
تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت