ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئىسرائىلىيە ئىرانغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ دېدى، ئىران ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ھەرقانداق يېڭى ھەرىكەتكە تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-17 09:16

  ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى خاگارى 16-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئۆزى تاللىغان ۋاقىت، ئورۇندا، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىرانغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاتىس دۇنيادىكى 32 دۆلەتكە خەت يېزىپ، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى جازالاشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 16-ئاپرېل ئۇدا ئۈچ كۈن ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېت يىغىنى ئاچقان ياكى ئىراندىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى توغرىسىدا ئاخىرقى قارار چىقارغان.

  ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسى 16-ئاپرېل ئىراننىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بەگرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھېچقانداق يېڭى ھەرىكەت قوللانماسلىقىنى، بولمىسا ئىراننىڭ «تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى»نى ئاگاھلاندۇردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئىسرائىلىيە ئىرانغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ دېدى، ئىران ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ھەرقانداق يېڭى ھەرىكەتكە تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپنىڭ باياناتچىسى خاگارى 16-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئۆزى تاللىغان ۋاقىت، ئورۇندا، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىرانغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.