ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى ئاز دېگەندە 20 ئادەم قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 09:38

  پەلەستىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 17-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە رايونىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى نۇرغۇن رايونغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان، ئاز دېگەندە 20 ئادەم قازا قىلغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 17-ئاپرېل غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى غەززە شەھىرىنىڭ نۇرغۇن رايونىنى بومباردىمان قىلىپ، ئاز دېگەندە 15 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 9 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 17-ئاپرېل كېچىدە غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر رافادىكى بىر تۇرالغۇغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە بەش ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

  پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) تاراتقۇ ئىشخانىسى 17-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 10-ئاپرېلدىن باشلاپ غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايونلارغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتتە ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 75 كىشى قازا قىلدى، 348 كىشى يارىلاندى.

  پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارمىقى 17-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن 24 سائەتتە غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا جەمئىي 56 ئادەم قازا قىلغان، 89 ئادەم يارىلانغان. بۇلتۇر 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 33 مىڭ 800 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان، 76 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

  تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى ئاز دېگەندە 20 ئادەم قازا قىلدى

پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارمىقى 17-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن 24 سائەتتە غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا جەمئىي 56 ئادەم قازا قىلغان،