خەۋپسىزلىك كېڭىشى 18-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى ئاۋازغا قويىدۇ
مۇخبىر ئىگىلىگەن خەۋەردىن ئايان بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن، 18-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى ئاۋازغا قويىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، قارار لايىھەسىنى ئالجىرىيە تەييارلىغان.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش مەزگىلى كابىنېتى ۋە خەۋپسىزلىك كابىنېتى 18-ئاپرېل يىغىن ئېچىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى، تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا خاماس بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خىزمىتى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن لىۋان جېنجۇ داڭى قوراللىقلىرىنىڭ توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
قاتارنىڭ باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەد 17-ئاپرېل غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى توختاپ قالدى، ياراشتۇرغۇچىلار سۆھبەت مۇساپىسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، دېدى.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى