ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيە ھاۋارايى نازارىتى ئېخمې ناھىيەسىگە يېقىن دېڭىزدىكى يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسىنى 6.6 بالغا ئۆستۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 10:03

  شۇ جاي ۋاقتى 18-ئاپرېل سەھەردە، ياپونىيە ھاۋارايى نازارىتى 17-ئاپرېل كېچىدە يۈز بەرگەن ئېخمې ناھىيەسىگە يېقىن دېڭىزدىكى يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسىنى 6.6 بالغا، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى 39 كىلومېتىرغا ئۆزگەرتتى. شۇ جاي ۋاقتى 18-ئاپرېل كېچىدە ئېخمې ناھىيەسىگە يېقىن دېڭىزدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش توغرىسىدا، ياپونىيە ھاۋارايى نازارىتى شۇ جاي ۋاقتى 18-ئاپرېل سەھەردىكى جىددىي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ھاۋارايى نازارىتى پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى تېز سۈرئەتتە چوڭىيىۋاتىدۇ دەپ قارىمايدۇ. ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۆزىتىدۇ. نۆۋەتتە يەر تەۋرەشتە نەچچە ئادەم يارىلاندى.

  تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيە ھاۋارايى نازارىتى ئېخمې ناھىيەسىگە يېقىن دېڭىزدىكى يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسىنى 6.6 بالغا ئۆستۈردى

شۇ جاي ۋاقتى 18-ئاپرېل سەھەردە، ياپونىيە ھاۋارايى نازارىتى 17-ئاپرېل كېچىدە يۈز بەرگەن ئېخمې ناھىيەسىگە يېقىن دېڭىزدىكى يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسىنى 6.6 بالغا،