ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى پاچاقلاپ تاشلىدۇق، دېدى ئۇكرائىنا توك كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن سودا-سانائەتتە توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇلىدۇ، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 10:03

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 17-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسمىنىڭ شۇ كۈنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئۇكرائىنانىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى موسكۋانىڭ شەرقىگە، ئۇرال تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىغا تەۋە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگراسىدىن يىراق.

  ئۇكرائىنا دۆلەتلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى 17-ئاپرېل: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى مەزگىلدە توك سەرپىياتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن توك كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقتى دېدى، ئۇكرائىنا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەڭشەش مەركىزى 18-ئاپرېل سائەت 8 دىن 22 گىچە ئۇكرائىنانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا سودا-سانائەتتە توك ئىشلىتىش مىقدارىغا چەك قويىدىغانلىقى، ھالقىلىق ئۇل-ئەسلىھەلەر ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسال كارخانىلىرىنىڭ بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي 17-ئاپرېل: شۇ كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستوتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلاشتىم دېدى. سىتوتېنبېرگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنانىڭ تەلىپىگە بىنائەن 19-ئاپرېل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنا كېڭىشى «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىكلەر ئالاھىدە يىغىنى ئېچىلىدۇ. زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭغا تېز جاۋاب قايتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنانى ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەش تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى 17-ئاپرېل: 20-ئاپرېل كەچتە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش ۋە باشقا تاشقى ياردەم قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى پاچاقلاپ تاشلىدۇق، دېدى ئۇكرائىنا توك كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن سودا-سانائەتتە توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇلىدۇ، دېدى

ئۇكرائىنا دۆلەتلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى 17-ئاپرېل: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى مەزگىلدە توك سەرپىياتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن توك كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقتى دېدى،