ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 09:47

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات باش ئىدارىسى ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 20-ئاپرېل مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سەھەردە، ئۇكرائىنا نەچچە ئون ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن رۇسىيە تەۋەسىدىكى بېرگورود ئوبلاستى، بىريانىسك ئوبلاستى، كۇرسىك ئوبلاستى، موسكۋا ئوبلاستى قاتارلىق سەككىز ئوبلاستقا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ نىشانى يەنىلا رۇسىيە تەۋەسىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى بولۇپ، ئاز دېگەندە ئۈچ جايدىكى تىرانسفورماتور پونكىتى ۋە بىر ئېنېرگىيە ساقلاش ئەسلىھەسىگە ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئوت كەتتى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ رۇسىيە تەۋەسىدىكى نۇرغۇن ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىش غەرىزىنى توستى، رۇسىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى جەمئىي 50 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ۋەيران قىلدى ۋە توسۇۋالدى.

بۇندىن باشقا، ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەربىي مەمۇرىي تارماقلار ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، 20-ئاپرېل سەھەردە، رۇسىيە ئارمىيەسى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زاپوروژې ئوبلاستىدىكى سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئودېسسادىكى ئۇل ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، خېرسون ئوبلاستى بىلەن خاركوۋ ئوبلاستىدا قاتتىق پارتلاش يۈز بەرگەن.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق

ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق