ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 11:17

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ يەر ۋاقتى 20-ئاپرېل غەززەدىكى نۇرغۇن رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى. شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى جېبالىيا مۇساپىرلار لاگېرىدىكى فالۇجا رايونىنى بومباردىمان قىلىپ، ئالتە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، نۇرغۇن كىشىلەرنى يارىلاندۇردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسەيرايت مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شىمالىي رايونىنى بومباردىمان قىلىپ، ئۈچ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، يەنە 30 نەچچە ئادەمنى يارىلاندۇردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر تۇلكەرەمنىڭ شەرقىدىكى نۇرشامس مۇساپىرلار لاگېرىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى. پەلەستىن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20-ئاپرېل كەچكىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ نۇرشامس مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە 14 ئادەم قازا قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 20-ئاپرېل 95 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تاشقى ياردەم قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. قانۇن لايىھەسى ئىسرائىلىيەگە 26 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەلەستىن زۇڭتۇڭىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان بۇ ھەربىي ياردەم پىلانى نۇرغۇن پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، رايون ۋەزىيىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋېتىش خەۋپى بار، بۇ پەلەستىن خەلقىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك، ئىسرائىلىيەنىڭ توقۇنۇش دائىرىسىنى پۈتكۈل رايونغا كېڭەيتىشىگە «يېشىل چىراغ» يېقىپ بېرىدۇ، پەلەستىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ئىشەنچىلىكلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ.

بۇندىن باشقا، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئىنكار قىلىشى پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا «ئاشكارا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك»، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا خىرىس قىلغانلىق. پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە پەلەستىن ئىشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى «قايتىدىن ئويلىشىدۇ». ئامېرىكىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشىدا مەسئۇلىيىتى بار، ئەگەر پەلەستىن مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، ئوتتۇرا شەرق رايونى مۇقىم بولمايدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل  ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى غەززەدىكى نۇرغۇن رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى. شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى