ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نىتانىياخۇ: خاماسنىڭ غەززەدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇرۇش گازارمىسىنى يوقاتتۇق، قاسسام لۈسى ئىنكار قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-24 10:47

شۇ جاي ۋاقتى 23-ئاپرېل، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس قارمىقىدىكى قوراللىق گۇرۇھ قاسسام لۈسىنىڭ باياناتچىسى ئەبۇ ئۇبەيداخ ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇنىڭ «خاماسنىڭ غەززەدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇرۇش گازارمىسىنى يوقاتتۇق» دېگەن سۆزىگە رەددىيە بېرىپ، بۇ«ناھايىتى چوڭ يالغانچىلىق» دېدى.

ئۇبەيداخ مۇنداق دېدى: نېتانىياخۇ ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداپ، ئىسرائىلىيەنىڭ رافاغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ قانۇنلۇقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى غەززەنىڭ باشقا جايلىرىدە ئۆتكۈزگەن زوراۋانلىقىنى تەكرارلىماقچى بولدى. ئۇبەيداخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھازىر يەنىلا غەززەدە، بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى نەتىجىسىز بولدى، پەقەت بىگۇناھ پۇقرالار قازا قىلدى ۋە غەززە كەڭ كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

ئۇبەيداخ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاماس ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە يەنىلا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمنى توختىتىش ھەمدە غەززەدىن چېكىنىپ چىقىش، غەززە خەلقىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىش ھەمدە قامالنى بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تۇتۇپ قېلىنغان خادىملارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشنى كەينىگە سۈرۈۋاتىدۇ ھەمدە ياراشتۇرغۇچى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.

ئىسرائىلىيە قاسسام لۈسىنىڭ يۇقىرىقى ئىپادىسىگە ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى

سېلىشتۇرغۇچى:گۈزەلنۇر روزى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نىتانىياخۇ: خاماسنىڭ غەززەدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇرۇش گازارمىسىنى يوقاتتۇق، قاسسام لۈسى ئىنكار قىلدى

نىتانىياخۇ: خاماسنىڭ غەززەدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇرۇش گازارمىسىنى يوقاتتۇق،قاسسام لۈسى ئىنكار قىلدى