سىلوۋاكىيە: زۇڭلى فىزو خەۋپتىن قۇتۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى| يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-20 10:35
سىلوۋاكىيەدىكى دوختۇرخانا تارمىقى 19-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان زۇڭلى فىزونىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى. بىراق، فىزونىڭ كېسىلى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر، سالامەتلىكى خىلى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاندىن ئەسلىگە كېلىدۇ. سىلوۋاكىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىزونىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئاز دېگەندىمۇ بىر نەچچە ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ، دېدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا