ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران زۇڭتۇڭى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ھادىسىگە ئۇچرىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-20 10:53

ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسى ئولتۇرغان تىك ئۇچار 19-ماي ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىدە ھادىسىگە ئۇچرىدى. ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىنىڭ ۋەرزەقان رايونى ئەتراپىدا ئىكەن. ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى 19-ماي ناچار ھاۋارايى سەۋەبلىك تىك ئۇچارنىڭ جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، قويۇق تۇمان قاتارلىق پايدىسىز ھاۋارايى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىران ئارمىيە ۋە ساقچىلاردىن بارلىق ئەسلىھە ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىزدەشنى تەلەپ قىلغان، 40 تېز ئىنكاس قايتۇرۇش گۇرۇپپىسى بۇ رايونغا ئىزدەشكە ئەۋەتىلگەن.شۇ يەر ۋاقتى 19-ماي كەچتە، ئىران شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىلىك ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ قوماندانى مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەن تىك ئۇچارنىڭ سىگنالى ھەمدە بىر ئايروپىلان گۇرۇپپىسى خادىمىنىڭ يانفون سىگنالىنى بايقىدۇق. ھازىر زور بىر تۈركۈم قۇتقۇزۇش خادىمى بۇ سىگنال چىققان رايونغا يۈرۈپ كەتتى.

ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسىنىڭ تىك ئۇچار ئەترىتى ئۈچ تىك ئۇچاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ھودائافارىن ناھىيەسىدىن تەبرىزگە نېفىت خىمىيە ئۇنىۋېرسال ئەسلىھەسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ماڭغان. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، رەئىسى ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئالىيېف بىلەن بىرلىكتە ھودائافارىن ناھىيەسىدىكى سۇ ئامبىرى توسمىسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتناشقان. بۇ تىك ئۇچار ئەترىتىدە يەنە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللا ھىيان قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار باركەن.

ئىراننىڭ شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسى تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى ۋان ئۆلكىسى بىلەن قوشنا. ئىراننىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئىراننىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە ئارمىيەسى 19-ماي كەچتە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە كېچىدە كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارىنى ئىشقا سالغان، تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىگە 32 تاغدا قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە ئالتە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئەۋەتكەن. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان 19-ماي كەچتە، تۈركىيە ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسى ئولتۇرغان ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچارنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇشقا «بارلىق زۆرۈر ياردەملەرنى» بېرىشنى خالايدۇ، دېدى.

تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىران زۇڭتۇڭى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ھادىسىگە ئۇچرىدى

ئىران زۇڭتۇڭى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ھادىسىگە ئۇچرىدى