ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى: تەخمىنەن 950 مىڭ ئادەم رافادىن چېكىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-21 10:05

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 20-ماي ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جېبالىيە رايونى، جەنۇبىي قىسمىدىكى رافا رايونى ۋە غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى، دېدى. 19-ماي، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى تەخمىنەن 80 نىشانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) ھەربىي تەشكىلاتىنىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسىنى ئېتىپ تاشلىدى.
غەززەدىكى سەھىيە تارمىقى 20-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان، غەززە رايونىدا قازا قىلغانلار 35 مىڭ 562 گە، يارىلانغانلار 79 مىڭ 652 گە يەتتى. نۆۋەتتە نۇرغۇن قازا قىلغان، يارىلانغان نۇرغۇن ئادەم يەنىلا خارابىلىك ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان. غەززەنىڭ داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ قۇتقۇزۇشى تەسكە توختىغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابى 20-ماي تەخمىنەن 950 مىڭ پەلەستىنلىك رافادىن چېكىندى، دېدى. نۆۋەتتە رافادا يەنىلا 300 مىڭدىن 400 مىڭغىچە ئادەم بار بولۇپ، ئاساسلىقى رافانىڭ شەھەر مەركىزى ۋە رافانىڭ غەربىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن.

تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى: تەخمىنەن 950 مىڭ ئادەم رافادىن چېكىندى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى: تەخمىنەن 950 مىڭ ئادەم رافادىن چېكىندى