ئىران تىك ئۇچار ھادىسسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئالى دەرىجىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى
ئىراننىڭ ئالى ئەمەلدارلىرى ئولتۇرغان بىر تىك ئۇچار شۇ يەر ۋاقتى 19-ماي ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىدە ھادىسىگە ئۇچراپ، ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسى، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللا ھىيان قاتارلىق ئالى ئەمەلدارلار ۋە ئايروپىلان گۇرۇپپسى خادىملىرى ۋەقەدە قازا قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىراندا بەش كۈن ئاممىۋى تەزىيە بىلدۈرۈلىدۇ.
ئىران قۇتقۇزۇش ئەترىتى تىك ئۇچار ھاددىسىيۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى رەئىسى، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللا ھىيان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىك ئۇچاردىكى 8 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىران تاراتقۇلىرى ۋە ئاممىسى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدى. ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى زۇڭتۇڭ رەئىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللا ھىيان قاتارلىق قازا قىلغانلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرىنى تەكرار كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى خاتىرىلىدى. ئىراندىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ بەلگىلىرى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىلىپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى. نۇرغۇن ئامما زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا يىغلاپ تۇرۇپ، «ناھايىتى قايغۇردۇق»، «بۇنى قوبۇل قىلالمايۋاتىمىز» دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە رەئىسى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىرانغا قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسى بىر نېفىت خىمىيە ئۇنىۋېرسال ئەسلىھەسىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 19-ماي تىك ئۇچار بىلەن شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تەبرىزگە بېرىش سەپىرىدە تىك ئۇچار ھادىسىگە ئۇچرىغان. ئىران قوراللىق قىسىمىنىڭ باش شىتاب باشلىقى باگېرى تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئالى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى.
20-ماي ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مەنسۇرى مۇنداق دېدى: رەئىسىنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى21-ماي ئۆتكۈزۈلىدۇ، 23-ماي مەشھەدتە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئىراننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مۇخبېر زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتىدى. ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلى باگېرى مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى. ئىراننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى 28-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
رۇسىيە، پاكىستان، ئىراق، قاتار، جەنۇبىي ئافرىقا، فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقلىرى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار رەئىسى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قازا قىلغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئىران خەلقىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا مەدەت بەردى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار