ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسىنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى 22-ماي تېھراندا ئۆتكۈزۈلدى
ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسى ۋە تىك ئۇچار ۋەقەسىدە قازا قىلغان باشقا ئەمەلدارلارنىڭ جەسىتى 21-ماي تەبرىزدىن پايتەخت تېھرانغا يۆتكەپ كېلىندى. تېھران شەھەر مەركىزىدىكى ئايرودۇرۇمدا، ئىراننىڭ ھۆكۈمەت كابىنېتى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرى قاتارلىق بىر نەچچە ئەمەلدارلار تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى. رەئىسىنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى تېھراندا ئۆتكۈزۈلدى. ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللا ھىيان 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تېھراندا دەپنە قىلىنىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت