نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى، پارتىيەلىرى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلار، نۇرغۇن دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرى يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش، بايانات ئېلان قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق داۋاملىق سۆز قىلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. زەردارى مۇنداق دېدى: بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئي ئەمەل قىلىمىز، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. پاكىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم، بىز جۇڭگونىڭ يادرولۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىنى قوللايمىز، بىز جۇڭگو خەلقىنى قىزغىن سۆيىمىز، پاكىستان جۇڭگو بىلەن باشتىن-ئاخىر بىر سەپتە تۇرىدۇ.
جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى كەينى-كەينىدىن قايتا تەكىتلىدى. خەلقئارا تەشكىلات جەنۇب مەركىزى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. جەنۇب مەركىزى ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.
بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رادېف 20-ماي بۇلغارىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سىرىلانكا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئابېيۋادنا مۇنداق دېدى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش خەلقئارا ھەقىقەت، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايمىز.
بوتسىۋانا خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىكېلېمانى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللايدىغان ھەرقانداق كۈچ جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.
جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى لېخۇت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشى ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بالدۇرراق بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ.
ئېفىئوپىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېبىيۇ تېدرا: ئېفىئوپىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا داۋاملىق قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، دېدى.
شىۋېيتسارىيە كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى ماشىمىليانو ئايى، شىۋېيتسارىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق ھەربىي ئەمەلدارى، تارىخشۇناس، خەلقئارا خەۋپسىزلىك سىياسىتى مۇتەخەسسىسى خېپېتېر قاتارلىقلار مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: تەيۋەن ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ بىر قىسمى، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن بىر جۇڭگوغا تەۋە، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى پارچىلاشقا بولمايدۇ.
بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىيارو، بىرازىلىيە جۇڭگو دوستلۇق جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ئىنرىك دانوبرېگا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرازىلىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قوللايدۇ، تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ بالدۇرراق تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قوللايدۇ.
لىۋىيە دېموكراتلار پارتىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى، جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، بارلىق بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇسلىرىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نىكاراگۇئا ھۆكۈمىتى 20-ماي ھۆكۈمەت ئاخباراتى ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: نىكاراگۇئا ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قوللايدۇ، نىكاراگۇئا ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ ۋە قوللايدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار