كۆپ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە سىياسىيونلىرى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
كۆپ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، سىياسىيونلىرى ۋە خەلقئارا ئەربابلار يېقىندا بەس-بەستە سۆز قىلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىغا رىئايە قىلىدىغانلىقى، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، بۇ مەيدانى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەن رايونى سايلىمى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىش ۋە قول تىقىش ھوقۇقى يوق، ئۆزبېكىستان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىش مەيدانىدىن مەڭگۈ تەۋرەنمەيدۇ.
ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو مۇنداق دېدى: دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىدا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، بۇ قىل سىغمايدىغان پاكىت، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىش جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ.
زامبىيە زۇڭتۇڭى شىچىلېما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زامبىيە ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغدايدۇ، بۇ زامبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەۋرەنمەس سىياسىي ئاساسى.
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەن مەسىلىسىدە، رۇسىيە جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ، بۇ مەيدانىمىز ئىنتايىن ئېنىق.
ناۋرۇ ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ناۋرۇ دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بارلىقىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ناۋرۇ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە، تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ.
سېربىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇرىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەن مەسىلىسىدە سېربىيەنىڭ بىرلا سىياسىتى بار، ئۇ بولسىمۇ دوستىمىز، قېرىندىشىمىز جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ. سېربىيە تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەرنى قانداق ئۇسۇلدا ھەل قىلىش جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.
ۋىيېتنام دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى فەن چيۇخىڭ مۇنداق دېدى: ۋىيېتنام بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش رايون ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كېنىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ۋېيتانگۇلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. كېنىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى، كېنىيە ھۆكۈمىتى ھەرقانداق شەكىلدىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقىگە قارشى تۇرىدۇ.
ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئېمىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھەمدە خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى.
ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى خاتوياما يۇكىيو مۇنداق دېدى:جۇڭگو بىر پۈتۈن گەۋدە، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، بىز بۇ مەيداننى چۈشىنىشىمىز ۋە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. ياپونىيە بىلەن جۇڭگو قوشنا دۆلەت، زىچ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش كېرەك.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار