ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېنىن شەھىرىگە داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت قىلدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 22-ماي پەلەستىننىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېنىن شەھىرى ۋە جېنىن مۇساپىرلار لاگېرىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى: جېنىن رايونىدا پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشتۇق ھەمدە قوراللىق خادىملار ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلدۇق، دېدى. 21-كۈنىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىدە شۇ جايدىكى 11 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 30 غا يېقىن ئادەم يارىلاندى.
غەززەدىكى تاراتقۇ ئىشخانىسى 22-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي تەھدىتى تۈپەيلىدىن غەززەنىڭ شىمالىدىكى داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى پات ئارىدا توختايدۇ، بۇ غەززەنىڭ شىمالىدىكى تەخمىنەن 700 مىڭ كىشىگە غايەت زور ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى 22-ماي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىن كەلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 27 يارىدار شۇ كۈنى ئىراققا بېرىپ داۋالاندى. بۇ يارىدارلار ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئاساس قىلىدۇ.
نورۋېگىيە، ئىسپانىيە، ئېرلاندىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت 22-ماي پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئايرىم-ئايرىم جاكارلىدى. ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 22-ماي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاتز ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرېلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى باش ئەلچىلىرىنى دەرھال قايتۇرۇپ كېلىپ توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى نورۋېگىيە، ئىسپانىيە، ئىرېلاندىيەنىڭ قارارىنى قۇۋۋەتلىدى ۋە قارشى ئالدى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى باسقۇچتا 140 تىن ئارتۇق دۆلەت پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغان.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت