ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى رافادىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىپ 50 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-27 10:11

ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى شۇ يەر ۋاقتى 26-ماي كەچتە غەززە رايونىنىڭ رافادىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىغا كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئاز دېگەندە 50 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كۆپلىگەن شەھەرلەر 26-ماي چۈشتىن كېيىن غەززەدىن قويۇپ بېرىلگەن راكېتامىيۇتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ قارمىقىدىكى ھەربىي تەشكىلات قاسسام لۈسى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، بىر قىسىم راكېتامىيۇت ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى، دېدى.

غەززەدىن قويۇپ بېرىلگەن راكېتامىيۇتنىڭ نىشانى بۇندىن بۇرۇن غەززە چېگراسىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ شەھەر بازارلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، نوپۇسى زىچ بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا راكېتامىيۇت قويۇپ بېرىش نەچچە ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىش.

تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有