ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رافادىكى مۇساپىرلار لاگېرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ئىسپانىيە، نورۋېگىيە، ئىرېلاندىيە پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:دىلناز تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-30 15:38

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر رافادىكى سەرگەردانلار لاگېرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھاۋا ھۇجۇمى ۋە ئوت ئاپىتىدە 45 ئادەم قازا قىلغان، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭدىن باشقا غەززە رايونىدىكى خەلق مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى رافادىكى يەنە بىر سەرگەردانلار لاگېرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان. ھازىرغىچە 21 ئادەم قازا قىلغان. #

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有