يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ خەيفا پورتىدا ھەربىي ماددىي ئەشيا توشۇيدىغان ئىككى پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى
يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلار باياناتچىسى يەھيا سارېيا 6-ئىيۇن قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئىراق قارشىلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خەيفا پورتىدا ھەربىي ماددىي ئەشيا توشۇيدىغان ئىككى پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىشى. ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ بۇنى ئىنكار قىلدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد