ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلغاندا ئاز دېگەندە 40 غەززەلىك قازا قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنى ئىسرائىلىيە ئالدىن ئاگاھلاندۇرمايلا ھۇجۇم قوزغىدى، دېدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 6-ئىيۇن سەھەردە غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسەيرايت مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلدى. پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى خاماسنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، ھاۋا ھۇجۇمىدا غەززەلىك 40 كىشى قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 14 بالا ۋە 9 ئايال بار، 74 ئادەم يارىلاندى، دېدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى دانىئېل خاگارى 6-ئىيۇن كەچتە ھەرىكەت جەريانىدا خاماس بىلەن جېخادېنىڭ 9 ئەزاسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 6-ئىيۇن ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ كۈنى مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ مۇدىر مەخسۇس خادىمى فىلىپ رازالىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا: ئىسرائىلىيە «ئالدىن ئاگاھلاندۇرمايلا» ھۇجۇم قوزغىدى، دېدى.
ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شىمال قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئۇرى گولدىن 6-ئىيۇن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋان جېنجۇداڭىغا ھۇجۇم قوزغاشنىڭ تاكتىكا تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد