ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

78-نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشىدە جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلىش قارارى بىردەك ماقۇللاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-08 10:02

78-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىدە جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى تەسىس قىلىش قارارى بىردەك ماقۇللاندى.

قاراردا بارلىق مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق بايلىقى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنىپ، مەدەنىيلىك سۆزلىشىشىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم رولى گەۋدىلىك تەكىتلەندى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەر سۆزلىشىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، ھەمدە 10-ئىيۇننى مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى قىلىپ بېكىتىش قارار قىلىندى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有