ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 210 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-09 11:14

پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ تاراتقۇ ئىشخانىسى 8-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسېىرەت مۇساپىرلار لاگېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 210 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا 400 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇردى. ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بۇ قېتىمقى جىنايى قىلمىشقا قاتناشقان.

پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىن ئېچىپ، نۇسېىرەت مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى پەيدا قىلغان تەسىرنى مۇزاكىرە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 8-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسېرات مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشى خەلقئارا قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ، دېدى.

ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ ۋە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ 8-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە تەرەپ شۇ كۈنى نۇسېىرەت مۇساپىرلار لاگېرىدىن ئىلگىرى خاماس تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان تۆت ئىسرائىلىيەلىكنى قۇتقۇزغان. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى: شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسېىرەتتا تۇتۇۋېلىنغان خادىملارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، پەلەستىندە قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشمايدۇ، دېدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى تۇتۇۋېلىنغان تۆت كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېت ئەزاسى گانتز جىددىي بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىقىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى، ئەسلىدە 8-ئىيۇن كەچتە سۆزلەيدىغان نۇتۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 8-ئىيۇن پايتەخت پارىژدا زىيارەتكە بارغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ غەززە رايونىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئىستىقبالىنى ئېچىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ماكرون مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ئالدىدا، يەنىلا بارلىق چېگرادىن ئۆتۈش نۇقتىلىرىنى ئېچىۋېتىپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشىگە يول قويمىدى، غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى رافا شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ». بايدىن ئامېرىكىنىڭ تۇتۇۋېلىنغان بارلىق خادىملار قويۇپ بېرىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانغا قەدەر خىزمەتنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 210 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 210 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى